نۇر تورى 8.1

نۇر تورى 8.1

چوڭلىقى : 7.07 MB نەشىرى : 8.1
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : خەۋەرلەر,خەۋەر
2017- يىلى 09- ئاينىڭ 26- كۈنى 645203 قېتىم چۈشۈرلدى

ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە تور دۇنياسىدىكى نادىر مەزمونلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىدىغان ئېسىل ئەپ

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • نۇر تورى 8.1
  • نۇر تورى 8.1
  • نۇر تورى 8.1
  • نۇر تورى 8.1

تەپسىلاتى :

نۇر تورى ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تور بېكەت بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سانى جەھەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇر تورى ئەپ دېتالى كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلەردە ئۇيغۇرچە خەۋەر، ھېكايە، يۇمۇر، ئۇچۇرلارنى كۆرۈش دېتالى بولۇپ، كۈنلۈك مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى 200 پارچىدىن، ئىنكاسلارنىڭ يېڭىلىنىشى نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. ئەتراپمىزدا ھەممە دوس يارەنلىرىمىزنىڭ يانفونلىرىدا نۇر تورى بار، نۇر تورىنىڭ ئالما ۋە ۋىندوۋس فون نەشىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر تېخنىكا ساھەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل مەشغۇلات سىسىتېمىدا روياپقا چىقان ئەپ ھېسابلىنىدۇ. ياقتۇرسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ.

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

بۇ نەشىردە تۆۋەندىكىدەك يېڭىلىقلار قوشۇلغان:
1. ئەزالىق مەركىزى قوشۇلغان؛
بۇندىن كېيىن تورداشلار نۇر تورىدا ئىنكاس يازغاندا، يۈرەك بەرگەندە ھەقىقىي نامىدا مەشغۇلات قىلىدۇ. يانفون نومۇرى ياكى ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولىدۇ.
2. ۋىدىيو قانىلى قوشۇلغان؛
يېڭى نەشىردە ھەر كۈنى نەچچە يۈزلىگەن قىزىقارلىق مەزمۇنلۇق قىسقا فىلىملەر نۇر تورىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ.
3. چەمبىرەك ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلغان؛
ئەزا بولۇپ چەمبىرەك يوللىيالايسىز، سىزنى ياقتۇرغانلار سىزگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھىرلىنەلەيدۇ؛
4. ئەپ كۆرۈنمە يۈزى گۈزەللەشتۈرۈلگەن، مەشغۇلاتلار ئاددىيلاشقان؛
5. نۇر تورى LOGO ماركىسى يېپيېڭى قىياپەتتە لايىھەلەنگەن؛
نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ماركا لايىھەسى بەش يىل بۇرۇن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يېڭى ئۇسلۇبقا خاس ماركا ئوبرازى بارلىققا كەلدى.
6.مەزمون رەسىملىرى يانفونغا چۈشىۋالمايدۇ؛
خەۋەر ماقالىلەرنى كۆرگەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر يانفونغا چۈشىۋالمايدۇ، تورداشلار بىمالال ئىشلەتسە بولىدۇ.