ئىزدەش

ئىزدەش

چوڭلىقى : 12.69 MB نەشىرى : 3.8.7
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : دائىملىق قۇراللار,ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش
2017- يىلى 09- ئاينىڭ 20- كۈنى 103504 قېتىم چۈشۈرلدى

ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمان

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • ئىزدەش
  • ئىزدەش
  • ئىزدەش
  • ئىزدەش
  • ئىزدەش

تەپسىلاتى :

ئىزدەش« IZDAX.COM » تورى، شىنجاڭ بىلىگيار ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى تەۋەلىكىدىكى مەزمونى مول تور بەت.
ئىزدەش ئەپ دىتالى بولسا ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ، خەنزۇچە گەپ قىلسا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ، خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تارتىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش قاتارلىق يوقۇرى تېخنىكىلىق ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە قوش تىللىق تەرجىمە لوغىتى، شۇنداقلا ئاۋاز ئارقىلىق توربەت ئىزدەش، خەۋەر ئىزدەش،ناخشا ئىزدەش، فىلىم ئىزدەش، ئەپ ئىزدەش، رەسىم ئىزدەش، سالون ئىزدەش، كىتاب ئىزدەش ۋە مەھسۇلات ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان. ئۇندىن باشقا ئىزدەش تورى ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋا رايى ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. نوپۇزلۇق خەۋەر تورلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى ئىزدەش تورىدا جەملىنىدۇ. ئەگەر سەپەر قىلماقچى بولۇپ، ئايروپىلان بېلىتى لازىم بولسا ئىزدەش تورىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سەھىپىسىگە كىرىپ، بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.ماشىنىڭىزنىڭ قاتناش خىلاپ قىلمىشى بار-يوقلىقىنى بىلەلمىسىڭىز، ئىزدەش تورىدىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئىزدەش تورى دوستلارغا مەخسۇس قاتناش خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تەمىنلىگەن بۇلۇپ، ئىشلىتىشىگە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. سىز قانداق كىتاب ئوقۇشىڭىزنى بىلەلمەيۋاتقان ياكى سىزگە كىتاب لازىم بولغان بولسا ئىزدەش تورىنىڭ كىتاب سەھىپىسى بۇ مەسىلىڭىزنى ھەل قىلغۇسى. كىتاب سەھىپىسىگە خېلى كۆپ مىقداردا كىتاب قويۇلغان بۇلۇپ، توردا زاكاس چۈشۈرۈپ سېتىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەقىقەتەن تولىمۇ قولاي. كىتاب تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ كىتاب سانى بارغانسېرى كۆپەيگۈسى! ناخشا، فىلىم ، ئۇلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلار دوستلارغا ئۇنچە بەك ناتۇنۇش ئەمەس. يەنە تېخى ئەپلەرمۇ بار جۇمۇ! توردىن مال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئىزدەش تورىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىشەنچلىك، سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ!

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

يېڭىلىقلار:
1.يېڭى نەشىرىدە ئاۋاز تونۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتىتىمۇ ئاۋازنى توغرا تونۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشىلىنىپ ، ئاۋاز ئارقىلىق مەزمۇن ئىزدەش ۋە تەرجىمە قىلىشقا زور قولايلىق يارىتىلدى.
2.ئاندىروئىد نۇسخىسىغا رەسىمگە تارتىپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
3.ئاندىروئىد نۇسخسىغا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى تولۇقلاندى.

تورداشلار ئىنكاسلىرى (8)

  • تەبى 4 ئاي ئىلگىرى

    سالۇنلارنى بىۋاستە ئزدەپ ،تېپېپ چۇشۇرۋالغىلى بۇلامدۇ ؟

  • ئۆمەر جان 4 ئاي ئىلگىرى

    قانداق چۈشۈردىڭلا باللا

  • ھۈسەنجان 4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيغۇرچەلاشتۇرۇلغان ئۈندىدار

  • يارمەمەي 4 ئاي ئىلگىرى

    رەسىمگە تارتىپ تەرجىمە قىلسا ياخشى بۇلاتتى

  • ئۇيغۇر 5 ئاي ئىلگىرى

    راس ئالمىنىڭكىدەك رەسىمگە تارتىپ تەرجىمە قىلىش ئىقتدارى قۇشۇلسا ياخشى بۇلاتتى

  • باھادىر 5 ئاي ئىلگىرى

    ئالما تېلېفوننىڭكىگە ئوخشاش ئاندىروئىد تېلېفوننىڭكىگىمۇ تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا ياخشى بولاتتىكەنتۇق.

  • مەن 6 ئاي ئىلگىرى

    خەۋەرلەرنى ئاپتوماتىك ئوقۇپ بېردىكەن،،بۇ تەرىپى يېڭلىق بوپتۇ.بىر تەكلىپىم ئۇيغۇر قول كۆندۇرۇش مەشىق ئويۇنى ياكى دىتالى بارمۇ كومپيوتىر نۇسخسى

  • مىكروسوفىت 7 ئاي ئىلگىرى

    ئاندىرويىد نەشىرىگە تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا

يوللاش مەزمۇنلانى تولۇق تولدۇرۇڭ