ئوتقاش ئەپ بازىرى

ئوتقاش ئەپ بازىرى

چوڭلىقى : 9.8 MB نەشىرى : 2.2
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : ئىشخانا ۋە ياردەمچى,ھۆججەت
2017- يىلى 03- ئاينىڭ 14- كۈنى 797357 قېتىم چۈشۈرلدى

ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نادىر ئەپلەر قوشۇلغان ئانا تىلدىكى ئەپ بازار

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • ئوتقاش ئەپ بازىرى
  • ئوتقاش ئەپ بازىرى
  • ئوتقاش ئەپ بازىرى
  • ئوتقاش ئەپ بازىرى
  • ئوتقاش ئەپ بازىرى

تەپسىلاتى :

ئوتقاش ئەپ بازىرى ئېلان قىلىنغاندىن بويان تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئابونتلىرى تېز كۆپىيىپ، يانفوندا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەپلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئوتقاشنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئەزىزلىرىمىزگە تېخىمۇ ياخشى مول مەزمونلارنى تەغدىم قىلىش ئۈچۈن 2.2 نەشىرىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ نەشىردە مەيلى كۆرۈنمە يۈزى جەھەتتىن بولسۇن مەيلى ئىقتىدارلىرى جەھەتتىن بولسۇن چوڭ ئۆزگىرىشلەش بارلىققا كەلدى. بىز بۇندىن كىيىن ھەر كۈنى يېڭى ئەپلەرنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرىمىز، يانفون يېڭىلىقلىرىغا قىزىقسىڭىز ئوتقاش ئەپ بازىرىغا كىرىپ تۇرۇڭ.
بۇ نەشىردە :
1.ئەپ كۆرۈنمەي يۈزى ھازىر مودا بولىۋاتقان ئۇسلۇبتا لايھەلەندى، ئىشلىتىش تېخىمۇ قولايلاشتى؛
2.تېخىمۇ كۆپ ئەپلەر قوشۇلدى، ئەپ رەسىملىرى، ئۇچۇرلىرى، ئايكونلىرى يېڭىلاندى؛
3.يانفون مۇزىكىلىرى كۆپەيتىلدى، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يانفونىڭىزنىڭ مۇزىكىسىنى ئالماشتۇرالايسىز؛
4.سىكانىرلاپ ئەپ چۈشۈرۈش، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش تىلدا ئەپ ئىزدەش قوشۇلدى؛
5.ئىچكى ساقلىغۇچنى ئورۇقلىتىش، يانفوندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
6.ئەپلەرگە ئىنكاس يېزىش، پاش قىلىش، يۇلتۇز بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
7.ئوتقاش تور بېتىمۇ يېڭىلاندى، كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگەرتىلدى؛

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

1.قالايماقان ئەپ چۈشىۋالىدىغان خاتالىق ئوڭشالدى
2.پاش قىلىش مەركىزى قوشۇلدى
3.ئىنكاس سانى چىقىدىغان ۋە نورمال كۆرىندىغان بولدى
4.بىر قىسىم خاتالىقلار ئوڭشالدى

تورداشلار ئىنكاسلىرى (54)

  • نەبىجان 3 كۈن ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن بۇ ئەپ

  • oppoa57 2 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى ئىكەن.

  • ئەلى 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن بۇ ئەپ

  • ئابدۇجېلىل 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئىكەن.

  • شاھزادە. 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئىكەن.

  • ۋارسجان 1 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلا ياخشى ئەپكەن

  • ئادىل 1 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇنقىسى ئوبدانتى ھازىرقىسى ياخشى ئەمەسكەن.

  • ئابدىسەتتار 1 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ياخشى ئەپكەن جۇما ئاداش

  • مىرزات 1 ئاي ئىلگىرى

    بولمايدىكەن

  • ھۆرىگۈل. 3 ئاي ئىلگىرى

    مەن تېخى ئىشلىتىپ باقمىدىم مۇشۇ ئەپنى چۈشۈرۈۋالالماي قالىدۇ ، قالدىمغۇ ھازىر.

  • راخمان 3 ئاي ئىلگىرى

    قۇڭغىراق مۇزىكىسى ئاڭلىماكچى بۇلساق
    چۇشۇرۇپ ئاڭلىمىساك تاللاپ ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن

  • تەپەككۈر 3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇتقاشتا توختىۋىلىش ،تور ياخشى شارايىتتىمۇ رەسىم ئىچىلماسلىق قاتارلىق مەسىللەر ھەل قىلىنسۇن ئەپ چۈشرۈشمۇ سەل ئاستىكە

  • ئۈمىد يۇلتۇزى 3 ئاي ئىلگىرى

    بەزى يانفونلاردا باشقۇرۇش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر پەقەتلا كۆرۈنمەيدىكەن.

  • پادىشاھ. 4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەپنىڭ.بىر نەرسە چۈشۈرۈش سۈرىتى.بەك ئاستا ئىكەن.بۇرۇنقىسى ياخشى ئىدى.

  • ئەلى 4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەپ كۆپ تەرەپتىن ياخشىكەن ،لىكىن سىمسىز توردا ئەپ چۇشۇرۇش نورمال ئەمەسكەن ،ھەم باشقا قايتىۋالدىكەن يىڭى نەشىردە تۇزىتىلگەن بولسا

  • ئابدۇل ئەزىز 4 ئاي ئىلگىرى

    ئارتۇق گەپ قىلماي ؟بۇلدىكەن

  • ئابدېسالام 5 ئاي ئىلگىرى

    ئالۋاستې يۇقۇتۇش ئۇيۇنىنې كومېپيۇتۇردا ئۇيۇنېغلې بۇلامېدۇ

  • ئەلقەم 5 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى بوپتۇ

  • ئارزىگۈل 5 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۇچۇن بەك قولايلىقكەن

  • ئەمەتجان. 6 ئاي ئىلگىرى

    سىمسىز توك قاچىلاش دېتالى يوقمۇ.

  • ئايگۇل 6 ئاي ئىلگىرى

    ناخشا پەقەت چۇشمىدى

  • مۇھەببەت 6 ئاي ئىلگىرى

    چۇقۇم نۇر كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈش لازىمكەن ،ئىزدەش ئۈچۈن ،مۇشۇنى ئوڭشاپ قويساڭلا

  • رۇزمەمەت 6 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇنقى نەششىرى لازىمتى

  • مىھرىگۈل 6 ئاي ئىلگىرى

    مەن لۇغەت چۈشۈرەي دىگەن چۈشۈرەلەىدىم

  • زۇلپەر 6 ئاي ئىلگىرى

    ئويغۇرچە ئەپ رايۇنى يوققۇ تىرمىنالدا

  • سەنسىز. 6 ئاي ئىلگىرى

    نېمىشقا مۇزىكىلارنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ.

  • ئالىمجان 6 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەپ بازىرىدا ئەپ چۈشۈرش بەك ئاستىكەن ،چۈشۈۋاتقان ئەپلەنى تاپقىلى بولمايدىكەن،تازا مۇقىم ئەمەس باشقا يىنىپ كىتىدىكەن ،مۇشۇ يەلىرىنى تۈزەتكەن بولسا

  • مەمەتجان 7 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئوتقاشتن چىقىرىۋىتلدىمۇ قانداق ؟

  • مەمەتجان 7 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان،ئىزدەش رامكىسىغا چوقۇم نۇر كىرگۈزگۈچ چۈشۈرۈشۈم كىرەكما؟مۇشۇنى يوق قىلىۋەتسە ،رەھمەت !

  • ئەلى 7 ئاي ئىلگىرى

    ناخشىنى چوشۈرگىلى بولمىدى

يوللاش مەزمۇنلانى تولۇق تولدۇرۇڭ