سۇبات ناخشا-مۇزىكا

سۇبات ناخشا-مۇزىكا

چوڭلىقى : 21.21 MB نەشىرى : 3.0.7
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : قويغۇچ ۋە رەسىم,ناخمۇزىكا
2018- يىلى 01- ئاينىڭ 09- كۈنى 245320 قېتىم چۈشۈرلدى

سۇبات ناخشا-مۇزىكا ئەپ دېتالى 3.0.7 نەشىرى ئېلان قىلىندى

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا

تەپسىلاتى :

سۇبات تور-تېخنىكا شىركىتى رايۇنىمىز تور-تېخنىكا ساھەسىدە ئۈزلىكسىز تىرشىپ، يېڭىلىقلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. سۇبات ئۈندىدار سالونى ئ‍ۆزىنىڭ نادىر ،يېڭى ۋە پاكىز مەزمۇنلىرى بىلەن رايۇنىمىز سالون مەدەنىيتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن شۇ يېڭىلىقلاردىن سۇبات ناخشا-مۇزىكا ئەپ دېتالى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.

يېڭى نەشىرگە قوشۇلغان ئىقتىدارلار :

1. ناخشا، ئاۋازلىق ئەسەر چۈشۈرۈش.
ھازىرغۇچە رايۇنىمىزدا نۇرغۇن ناخشا قويۇش دېتاللىرى ياسالدى، بىراق كۆپۈنچە دېتاللارنىڭ ئۆمرى يېرىم يىلغا بارمىدى. سەۋەبى ھەر خىل.
سۇبات ئەپ دېتالىدا(ئالما، ئاندرويىد) ناخشىلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى چۈشۈرۋېلىپ تورسىز شارائىتتىمۇ بىمالال ئاڭلىغىنى بولىدۇ.

2.ئاۋازلىق ناخشا ئىزدەش.
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى ھەممىمىزگە قۇلايلىقلانى ئېلىپ كەلمەكتە. سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىگە ئاۋازلىق ناخشا ئىزدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ناخشا ياكى ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى ئاۋازلىق دەپ بەرسىڭىزلا تاپالايسىز.

3.چاستوتا قۇرۇش.
ئارىمىزدا ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەشكە قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بۇ ئارزۇيىڭىز رىئالىققا ئايلانغۇسى، ئەپ دېتالنىڭ ئۆزىدىلا ئۈنگە ئېلىش، مۇزىكا قوشۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
ئۈنگە ئالغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى باھاسىنى ئ‍ۆزىڭىز بەلگىلەپ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بازارغا سالالايسىز.
كومپىيوتىردا ئىشلەنگەن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى بازارغا سېلىش تور ئادرېسى : music.subat.cn
يەنە تېخى ئۈندىداردىكى پاراڭ خاتىرسى ۋە لىكسىيەلەرنىمۇ ئۈنگە ئېلىۋالالايسىز.


4.تىزىملىك قۇرۇش.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۆزىمىز ياقتۇرغان ناخشىلارنى ئۆزىمىز خاس تىزىملىك قۇرۇپ ساقلىۋالالغىنى، چۈشۈرۋالغىنى ھەمدە باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ بەرگىنى بولىدۇ.
يېڭى ئىجادىيەت قىلغان ناخشىچىلار ناخشىلىرغا باھا بەلگىلەپ ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بازارلاشتۇرسا بولىدۇ.
ناخشا يوللاش تور ئادرېسى : music.subat.cn

5.خاس تەۋسىيە.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە سىزنىڭ ناخشا ئاڭلاش خاراكتىرىڭىزغا ئاساسەن سىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ناخشىلارنى باش بەتتە تەۋسىيە قىلىپ بىرىدۇ.

6.ئۈندىدار بىلەن باغلانغان.
سۇبات ئەپ دېتالىنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلىۋالسىڭىز ھەقلىق تەمىنلەنگەن ناخشا ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئۈندىداردا پۇل تۆلەپ سېتىۋالالايسىز.
رادىئ‍و چاستوتىسى قۇرۇپ ياكى ناخشا ئارقىلىق تاپقان پۇلىڭىزنى ئۈندىدارغا يۆتكىۋالايسىز.

7.شەرەپ تاختىسى.
سۇبات ئەپ دېتالى يېڭى نەشىردە ئەپتىكى ناخشىلار قويۇلۇش قېتىم سانىغا ئاساسەن دەرجىگە تىزىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەپتىلىك ، ئايلىق ئاۋات ناخشىلار تەرتىپ بويىچە شەرەپ تاختىسىدا كۆرۈنىدۇ.

8.قوش تىللىق.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىللىق قىلىپ ياسالغان. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئاڭلىيالايسىز.

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

بىر قىسىم يانفۇنلاردا چۈشۈرگەن ناخشىنى قويغىنى بولماسلىق قاتارلىق خاتالىقى تۈزۈتىلدى.

تورداشلار ئىنكاسلىرى (154)

  • رەيھان 3 كۈن ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپنى چۈشرەلمىدىمغۇ؟ ھەي…

  • مەمەت ئىمىن 1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپنى چۈشۈرەلمىدىم.

  • مەتۇرزى 1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئەپكەن بۇ

  • تۇرسۇنمەمەت 3 ھەپتە ئىلگىرى

    ناخشا چۈشمەيدىكەن

  • غۇلامجان 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئەپكەن بۇ

  • ئويناشما 3 ھەپتە ئىلگىرى

    ناخشا چۈشۈرۈشكە بولمىسا ھەي

  • ئالما 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ئاستا چۈشىدىغان ئەپكەن

  • ئابلىز 4 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشىكە

  • پەزىليەم 1 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق ناخشا قۇيۇلمايدۇ

  • تۇرسۇنمەمەت 1 ئاي ئىلگىرى

    ناخشا چۈشمەۋاتىدۇ

  • تۇرسۇنمەمەت 1 ئاي ئىلگىرى

    ناخشا چۈشمەيدىغۇ

  • تاشمۇھەممەت 1 ئاي ئىلگىرى

    قويسا ئاپتۇماتىك قويۇلمايدىكەن

  • شەھىدە 1 ئاي ئىلگىرى

    ئەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، دائىم قېتىۋالىدۇ ، ئاچسام ئېچىلماي يۇۋېتىپ قايتا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىمەن ، ۋاڭيىيۈن دەك ئىلغار بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  • ئالىمجان يولۋاس 2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش بەك تەسكەن.لېكىن بەك ياخشى ئىكەن جۇمۇ ماۋۇ.

  • ئابدۇللا بەگ 2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭمۇ چۈشمەيۋاتىدۇ ،

  • پەرىدە 2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئەمەسكەن،

  • پەرىدە 2 ئاي ئىلگىرى

    چۈشمەيۋاتدۇ؟

  • ئەلى. 2 ئاي ئىلگىرى

    چۈشمەيۋاتىدىغۇ؟

  • ئابلىز 2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئەپ ئىكەن

  • خالىمۇرات 2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئىكەن

  • مەمەتنىياز 2 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا ياخشى

  • مەمەتنىياز 2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى كۆرىمەن

  • تىۋىش 2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋازلىق ئەسەرلەنىڭ ھەممنى ھەقلىق قىلۋىتىپسىلاغۇ

  • قاپلان 3 ئاي ئىلگىرى

    ناخشا نىمىشققا ياخشى قۇيۇلمايدۇ

  • تۇنجى قار 3 ئاي ئىلگىرى

    يانفۇن نۇمۇر،تەستىق كود ،نى كىرگۈزسەممۇ كىرىش مەغلۇپ بولدى دەيدۇ،كىرەلمىدىم،بىرەرسىڭلار چۈشەندۈرۈڭلارچۇ ؟

  • مۇزات 3 ئاي ئىلگىرى

    دېتالدا چۈشۈرگەن ناخشىنى ھۆججەتتىن تاپقىلى بولمايدىكەن بارماق دىسكىغا چۈشىرەي دىگەن پەقەت تاپالمىدىم شۇڭا مەن تازا ياقتۇرمۇدۇم بۇ ئەپنى دەپ بەرسەڭلا زادى قايسى ھۆججەتكە چۈشىدۇ بۇنىڭدىكى چۈشۈگەن ناخشىلار

  • دىلرابا 3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشىكە

  • تەنھالىق 3 ئاي ئىلگىرى

    چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ بۇ ئەپنى

  • گۈزەل قىز 3 ئاي ئىلگىرى

    قاچىلىغىلى بولمىدى

  • ئىمىنجان 3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئىكەن.

يوللاش مەزمۇنلانى تولۇق تولدۇرۇڭ